خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ شوخلا مەھسۇلاتىنى ئالاھىدە تىزىملىككە كىرگۈزدى

خىتاي بۇ ھەپتە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس يېمەكلىكىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بولغان شوخلا قىيامىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 4-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەنئەنىۋى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ۋە يەرلىك ئۆزگىچە يېمەكلىك سانائىتىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. تىزىملىكتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ شوخلا قىيامىمۇ ئورۇن ئالغان.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق شارائىتىغا ئىگە ئىكەنلىكى، شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقى، خىتايدىكى، ھەتتا دۇنيادىكى شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەش ئالتۇن رايونى ئىكەنلىكى، زور تەننەرخ ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكى بارلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاينىڭ دېھقانچىلىق تارماقلىرى بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان شوخلا تېرىش كۆلىمى 1 مىليون 150 مىڭ موغا، مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 506 مىڭ توننىغا يەتكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىدە شوخلا مەھسۇلاتلىرى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىدا شوخلا قىيامى ئاساسلىق تەكشۈرۈش ۋە چەكلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولغان.

بۇلتۇر BBC قانىلى خەلقئارادىكى شوخلا قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قان بىلەن بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلا قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ياۋروپا بازىرىغىمۇ كىرىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 2355 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2025 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق