ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېغىر سانائەت كەسپىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىشىگە ئەگىشىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە شەرقىي تۈركىستان مۇھىتى ئەڭ بۇلغانغان جايغا ئايلانغان.
فىنلاندىيەدىكى ئېنېرگىيە ۋە ساپ ھاۋا تەتقىقات مەركىزىنىڭ (CREA) 4-ئىيۇن ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئاليۇمىن تاۋلاش، كۆمۈر سانائىتى قاتارلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەن. شەرقىي تۈركىستاندا توك ۋە ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشى خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان ئېغىر سانائەت كارخانىلىرىنى جەلپ قىلغان. ئەمما مۇھىتنى قوغدايدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگە سەل قارالغان. بۇ سەۋەبلىك بۇلغىنىش ئېغىرلاشقان.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش دەرىجىسى يېقىنقى ئون يىلدا روشەن تۆۋەنلەپ، ياخشىلىنىشقا باشلىغان. ئەمما تەبىئىي بايلىقلىرى ئىلغار تېخنىكىلار ۋە غايەت زور مەبلەغ بىلەن بىلەن توختىماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا.