ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئالاھىدە كومىتېت بولغان ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇ ھەپتە دۆلەت ھالقىغان بىر كان شىركىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، مەزكۇر شىركەتتىن ئامېرىكىنى ۋولفىرام بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مولېنار 2-ئىيۇن ئالمونتى سانائەت شىركىتىنىڭ لىدېرىغا خەت ئەۋەتىپ، ۋولفىرامنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە سانائىتىگە بولغان مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. مۇداپىئە سانائىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مىنېرال ماددا ۋولفىرام ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولۇپ، كومىتېت بۇ مەكتۇپ ئارقىلىق ئالمونتى شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقماقچى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت كورىيەدىكى بىر كان شىركىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئورناتقان.
مولېنار باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە يەنىلا ئىمپورتقا، بولۇپمۇ خىتايغا چېتىشلىق مەنبەلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ تايىنىش بىزنىڭ مۇداپىئە سانائەت بازىمىز ۋە جەڭ تەييارلىقىمىزغا زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن.
ئۇ يەنە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرى زەنجىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قارشى تۇرۇش، ئامېرىكا سانائەت بازىسىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىگە ئېھتىياجلىق مەنبەلەرگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.