«بىزنىڭ دىنىمىز» ناملىق ئەسەر ھېيت ھارپىسىدا نەشر قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى، شۇنداقلا كۆپلىگەن سەرخىل، ئاممىباب ئەسەرلىرى بىلەن خەلق ئارىسىدا تونۇلغان ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ «بىزنىڭ دىنىمىز» ناملىق ئەسىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا نەشر قىلىندى. 

مەزكۇر ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، قىممەت قاراش، قائىدە-يوسۇن قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى توغرا، مۇكەممەل چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ھازىرغىچە يېزىپ نەشر قىلدۇرغان 32 پارچە كىتابىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدىكەن. 

ئەسەر «ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىز، ئىبادەتلىرىمىز، ئەقىدىمىز، قائىدە-يوسۇنلىرىمىز» دىن ئىبارەت بەش بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يادلاشقا تېگىشلىك جايلىرى كۆك رەڭدە تەييارلانغان. 

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ بۇ قۇربان ھېيتلىق سوۋغىسى نۆۋەتتە تەكلىماكان، قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىلىرىدا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىشخانىسىدا ھەقسىز تارقىتىلماقتا.

بۇ خەۋەر 27190 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2025 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق