ئامېرىكا خىتاينىڭ خوڭكوڭدا قۇرغان ئورگىنىنى تەنقىد قىلدى

تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا خەلقئارالىق مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى بېيجىڭنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشقا قارشى تۇرۇش قورالى، دەپ ئاتىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 5-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇرۇش پىلانىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ دائىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قوللىنىپ، يەر شارىۋى نازارەت ھەرىكىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى، ئاساسىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئەۋزەل پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى 32 دۆلەت بىلەن خىتاينىڭ 30-ماي خەلقئارا مۇرەسسە تەتقىقات ئورنى قۇرۇش ئەھدىنامىسى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە بۇ  خەلقئارالىق ئورگاننىڭ تالاش-تارتىشلارنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بولسا خوڭكوڭنىڭ خەلقئارا تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشتا بىتەرەپ مەيداندا تۇرىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، 31-مارت پارلامېنتقا سۇنغان دوكلاتىدا بۇ ھەرىكەتنىڭ خوڭكوڭدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تېخىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 327 قېتىم كۆرۈلدى
06/06/2025 02:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق