6-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى.
سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا خىتاي ۋەكىلى خەلقئارانىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرغا قارا چاپلاشقا ئۇرۇندى.
گېڭ شۇاڭ سۆزىدە: «بىز يېقىنقى كۈنلەردە سۇرىيىدىكى چەت ئەل تېرورچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز سۇرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ۋە بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرگە زەربە بېرىپ، خەتەرلىك خىمىيىلىك ماددىلار ۋە خىمىيىلىك قوراللارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ جار سالدى.
سۇرىيەنىڭ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى يېقىندا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تەخمىنەن 3500 چەت ئەللىك جەڭچىنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 84-دىۋىزىيەگە قوشۇۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى. ئىلگىرى بۇنىڭغا قارشى چىققان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سۇرىيە ۋەكىلى توماس باراك چەت ئەللىك جەڭچىلەرنى دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە قالدۇرۇشنىڭ چىقىرىۋېتىشتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىجرا قىلىش جەريانىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.