تىرامپ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ لوندوندا سودا سۆھبىتى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ ئالىي ئەمەلدارىنىڭ 9-ئىيۇن لوندوندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت، سودا مىنىستىرى خاۋېرد لۇتنىك ۋە سودا ۋەكىلى جەمىسون گىرىردىن تەركىب تاپقان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تىرامپ يەنە: «سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدىن ئۈمىد بار» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ 5-ئىيۇن شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشقان. تېلېفن سۆھبىتى بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «شى جىنپىڭ تىرامنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ پاسسىپ ئورۇندا ئىكەنلىكىدەك ئۇچۇر بېرىشكە ئۇرۇنغان.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 12-ماي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 90 كۈنلۈك سودا سۈلھى كېلىشىمى ھاسىل قىلغانىدى ۋە كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلارغا تاموژنا بېجىنى تەڭ نىسبەتتە تۆۋەنلەتكەنىدى.

بۇ خەۋەر 138 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2025 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق