شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت بۇ يىلمۇ ئەسلىي ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھالدا، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلدى.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئالدىنقى كۈنلەردە قۇربان ھېيت ھەققىدە بىر تۈركۈم خەۋەرلەرنى تارقاتقان بولۇپ، خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» ئاستىدا بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلغانلىقى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پېشقەدەملەرنى يوقلاپ ھال سورىغانلىقى، خەلقنىڭ كومپارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھېس قىلغانلىقى... دېگەندەك ساختا تەشۋىقات ئىبارىلىرىگە تولغان.
خەۋەرلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايراملىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سىنلىق خەۋەرلەردە خىتايلارنىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان ياكى ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا قۇربانلىق قىلىش، ھېيت نامىزى ئوقۇشقا ئوخشاش قۇربان ھېيتتىكى ئاساسلىق ئىش-پائالىيەتلەر ۋە ئىبادەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ھەتتا خىتاي كۆز بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ ئورگان تور بېتىدە ھېيتقا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن كۆرۈنمىگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردىمۇ قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداننىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان، ساماغا چۈشىدىغان قاينام-تاشقىنلىقتىن ئەسەر قالمىغان. مەزكۇر سىنلاردا يەنە ھېيتگاھ مەيدانىغا ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، خەلقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ساختا تەشۋىقاتلىرىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلار، تارقىلىۋاتقان ئاز بىر قىسىم سىنلار خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى پاش قىلماقتا.