رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشقان، خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى «چەكسىز ھەمكارلىق» دەپ سۈپەتلەۋاتقان بولسىمۇ، رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ Wechat كە ئوخشاش ئەپ دېتاللىرىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئېرىشكەن رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ بىر ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى خادىملىرى خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپ دېتالى Wechat نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى مۇمكىن بولغان شەخسلەرنى نازارەت قىلىشقا تىرىشقان.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيە غەربتىن بارا-بارا يىراقلاشقان ۋە خىتاينىڭ مەبلىغى، كارخانىلىرى ۋە تېخنىكىلىرىغا بارغانسېرى تايىنىپ قالغان. ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە يۇقىرىقىلاردىن سىرت، يەنە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە فېدېراتىپ بىخەتەرلىك ئورگىنى ئوغرىلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىر ئانالىز پىروگراممىسىغا كىرگۈزىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ Wechat ئەپ دېتالىدىكى مەلۇماتلار ئانالىز ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. تەكشۈرۈلىدىغان مەلۇماتلار تىزىملىتىش ئۇچۇرى، تېلېفون دەپتىرى ۋە سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئانالىز پىروگراممىسى Wechat ئارقىلىق خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىكەن.
رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى يىللاردىن بۇيان سىگنال، ۋاتسئەپ قاتارلىق شىفىرلانغان ئالاقە ئەپ دېتاللىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا Wechat كىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە Wechat رۇسىيەدە تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ شەرتى سۈپىتىدە تېڭشۈن شىركىتى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى چوقۇم رۇسىيەدىكى مۇلازىمىتېرغا ساقلىشى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك ئىكەن.
رۇسىيە فېدېراتىپ بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋە تېڭشۈن شىركىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خىتاينىڭ Wechat، Tik Tok قاتارلىق غايەت زور ئابۇنىتقا ئىگە ئەپ دېتاللىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىزچىل بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە دۆلەتتە خىتاينىڭ بۇ ئەپ دېتاللىرى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چەكلەنگەن.