شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي ئۇيغۇرلارنى تۇپراققا دەپنە قىلىنىشتەك ئاخىرقى ئىنسانىي ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلماقتا.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت يېقىنقى كۈنلەردە توپلىغان بىر قىسىم سىنلار خىتاينىڭ يەنە بىر تۈرلۈك جىنايىتىنى پاش قىلغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئىسلامىي يوسۇندا تۇپراققا دەپنە قىلىنىپ كەلگەن، ئۆزىگە خاس دەپنە، مازار كۈلتۈرى شەكىللەندۈرگەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە بېتوندىن ياكى پىششىق خىشتىن ياسالغان، قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا مەجبۇرىي دەپنە قىلىنماقتا.
بۇ سىنلارنىڭ بىر نەچچىسىدە ئۈستى يېپىق قەبرە ئۆيى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتلىرى پىششىق خىش ۋە سېمونت بىلەن ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان كاتەكسىمان ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئېغىزى سېمونت لاي بىلەن ئېتىۋېتىلگەن. «قەبرە» ئېغىزىغا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئۇيغۇرچە، خىتايچە يېزىلغان.
باشقا سىنلاردا بولسا يەكەن ناھىيەسىدىكى بېتوندىن ياسالغان تاۋۇتلار ۋە يانمۇ يان ياسالغان، قاتار كەتكەن سېمونت قەبرىلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىر ئۇيغۇر مازارلىقى ئىكەنلىكى پەرق ئېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ئاللىبۇرۇن چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرى بولۇپ، ھەددىدىن ئاشقان خىتاي بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي قائىدىلەر بويىچە تۇپراققا كۆمۈلۈش ھوقۇقىنىمۇ دەپسەندە قىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭرى، نوپۇس زىچلىقى تۆۋەن بولۇپ، «يەر-تۇپراق يېتىشمەسلىك»تىن ئىبارەت باھانىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە بىر قىسىم دوكلاتلار تەييارلانغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەقبەرىلەرنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ھەرقايسى جايلاردىكى يۈزلىگەن مازارلىقلارنى تۈزلەپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانى ياكى باشقا ئورۇنلارغا ئۆزگەرتكەن. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغانىدى.