ياۋروپامۇ خىتايغا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئوخشاش خىتاينىڭ سىيرەك توپىسىغا تايىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قىسىم ھالقىلىق تۈرلەرنى قوللاشقا باشلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايلاردىكى ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا ئۇرۇشى جەريانىدا خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېكسپورت چەكلىمىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش خىتاينىڭ سىيرەك توپىسىغا تايىنىپ كەلگەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ لوندوندىكى سۆھبىتىدە سىيرەك توپا مەسىلىسى يادرولۇق مەسىلە بولۇپ، خىتاي 7-ئىيۇن سىيرەك توپا ئېكسپورت ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما قايسى دۆلەت ياكى رايونلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بولسا ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سىيرەك توپا ئېكسپورت قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

سىيرەك توپا نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلاردا كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيا بولۇپ، خىتاي سىيرەك توپا قېزىشتا بازارنىڭ %60 نى ئىگىلىگەن، پىششىقلاپ ئىشلەشتە بولسا ئوخشىمىغان ئېلېمېنتلارغا ئاساسەن %90 تىن %100 كىچە بولغان نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

ياۋروپا دۆلەتلىرى نۆۋەتتە سىيرەك توپا تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىمپورتقا تايىنىدىكەن. مەسىلەن: 2024-يىلى گېرمانىيەنىڭ سىيرەك توپا ئىمپورتىنىڭ %65.5 ى خىتايدىن كەلگەن. بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى قوغداشقا تىرىشقان. 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان «ھالقىلىق خام ماتېرىيال قانۇنى» بۇ قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇندىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئورگىنى يېقىندا 47 تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تۈرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ تۈرلەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ياردەم ۋە مەمۇرىي قولايلىققا ئېرىشىدىكەن ۋە تەستىقلاش قەدىمى تېزلىتىلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىتېفان سېجورنې ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا: «بۇ خىل كۆپ خىللىشىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىكى گېئوپولىتىكىلىق ۋە دىپلوماتىك كىرىزىسلاردا مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2025 11:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق