شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ «ئېنېرگىيە بۇلىقى» بولماقتا

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېڭى تۈردىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى داۋاملىق كۆپەيتىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلىمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون 242 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ساپ يورۇقلۇق ۋولت بازىسى بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ بەشكە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان قەشقەرنىڭ پۈتۈن يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك قەشقەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى توك چىقىرىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىل دەل خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ كەچلىك توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىگە ئۇدۇل كېلىپ، خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كىرىزىسىنى ھەل قىلغان.

خەۋەردە يەنە قەشقەر ۋىلايىتىدە تارىم دەرياسىنىڭ مول سۇ سىستېمىسىغا تايىنىپ، شامال، سۇ، يورۇقلۇق، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ 5 مىليون 967 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش جىنايىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن ۋە تېزلەشتۈرگەن بولۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە بازىلىرىنىمۇ كۆپلەپ قۇرۇپ چىققان. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلماقتا.

خىتاي يەنە تۈرلۈك يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنىڭ «شاھمات كۆزى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەكلىكى»نى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 599 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2025 11:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق