ئىنسان ئۆز تۇپرىقىغا كۆمۈلۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنامدۇ؟

خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشتىن بۇيان ھەرخىل ناملار، ھەرخىل قالپاقلار بىلەن كۈنسېرى غالجىرلاشقان تەرىقىدە ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھېچقاچان توختاپ قالمىدى.

جاھان تېخى تەرەققىي قىلمىغان ئىلگىرىكى دەۋرلەردە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پۈتۈن جىنايەتلىرىنى دۇنيا ئەھلىدىن يوشۇرۇپ قالالىغان ۋە خالىغان دەپسەندىچىلىكنى قىلغان بولسىمۇ، ئالاقە قوراللىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن خىتاي ھەرقانچە قامال قىلغان، يوشۇرغان ۋە ئاقنى قارا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بىۋاسىتە دۆلەت مېدىيالىرىنى ئىشقا سېلىشتىن باشقا، خىتاي ئىچى-سىرتىدا ھەرخىل تىللاردا خىتاينىڭ رەزىل سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز ئىشلەۋاتقان ئاخبارات قوشۇنى ۋە ئۇنىڭغا سەرپ قىلىنىۋاتقان ساناقسىز ئىقتىسادلار ۋەھاكازالار بولسىمۇ، ئاندا ساندا چىقىپ قالىدىغان ئىسپاتلار ۋە بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان قەبىھ جازا لاگېرى سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ شاھىتلىرى ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ دادىل گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ھەرخىل يوسۇندا ۋەتىنىمىزگە ئاقتى ۋە شۇنچە قامال ئىچىدىن يەنىلا خىتاينى دۇنياغا رەسۋا قىلىشقا يېتەرلىك دەرىجىدە نۇرغۇن ماتېرىيالنى قولغا چۈشۈردى ۋە ئەتراپلىق خەۋەرلەر، دوكلاتلار، ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلەندى.

دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەلىك ھالىنى كۆرمەيمەن دېسىمۇ كۆردى، ئاڭلىمايمەن دېسىمۇ ئاڭلىدى. يىمىرىلمەس پاكىتلارنىڭ ئالدىدا پۇتى كۆيگەن توخۇغا ئايلانغان خىتاي رېجىمى يەنىلا ئۆز تەبىئىتىدىكى قانخورلۇقنى تاشلىماستىن، جازا لاگېرلىرىدىكى جىنايەتلىرىنى پەردازلاش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى، ئوينىمىغان ئويۇنى قالمىدى. نومۇسسىز خىتاي بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھېچنىمىگە يارىمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بۇ تىياتىرنى ئويناشقا ۋە ئۆزىگە موھتاج بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئارقىغا ئېلىش، ياللانما ئاخباراتچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمىدى ۋە نەتىجىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتتى، بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

ئەمما خىتاي پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەكتىن باشلاپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەتلەرنى پۈتۈنلەي چەكلەش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇشقىچە بولغان ئەقلىمىزگە كېلىدىغان ھەرقانداق جىنايەتنى  ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆپلەپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، سىنلار ھەرقانداق ئۇيغۇرنى، تۈركنى، مۇسۇلماننىلا ئەمەس، بەلكى زەررىچە ۋىجدان ئىگىسى بولغان ھەرقانداق ئىنساننى قاتتىق ئازابلىماقتا ۋە چۆچۈتمەكتە.

زۇلۇم، دەپسەندە قىلىش ۋە خورلاش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇ زۇلۇم ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، بۈگۈن خىتاينى خىتاي قىلغان، خىتاينى دۇنياغا ھۆركىرەيدىغان قىلغان ساناقسىز بايلىقلارغا تولغان بىر مىليون 800 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنغا ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئەنە شۇ تۇپرىقىدا ئىككى مېتىرلىق يەرگە كۆمۈلۈش ھەققىدىنمۇ ئايرىلىپ قالماقتا. ئىشغالىيەتچى خىتاي بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئىككى مېتىرلىق يەرنىمۇ ئارتۇق كۆرمەكتە.

ئەي ئىنسانلار! ئەي قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇۋالغان مۇسۇلمانلار!

ئەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى!

ئەي ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى!

ئەي دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى!

سىلەر قەيەردە؟

شۇ سىنلارغا، شۇ كۆرۈنۈشلەرگە بىر نەزەر سېلىپ بېقىڭلارچۇ؟

ئەجەبا دۇنيادا، مەيلى قانداق بىر سىستېمىدا ياشىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆلگەندىن ياكى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆز تۇپرىقىغا كۆمۈلۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان بىرەر خەلق، بىرەر مۇسۇلمان بارمۇ؟

يەر يۈزىدە ئىشغالىيەتچى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىدىن ئۆتە نومۇسسىز، رەھىمسىز بىر قاراقچى ھاكىمىيەت بارمۇ؟

شۇ سىنلارغا قاراڭلار!

ياكى بۇلارنىمۇ خىتايغا قارشى قىلىنغان تەتۈر تەشۋىقات دەپ قارامسىلەر؟

مانا سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە ياسىلىۋاتقان قەۋەتلىك ئاتالمىش قەبرىلەردە قېرىنداشلىرىڭلار، بوۋىلار، مومايلار، يىگىتلەر، بالىلار جىنازا نامىزىمۇ چۈشۈرۈلمەستىن، خۇددى ئۆلۈپ قالغان ئىتلار بىر ساندۇققا تاشلاپ قويۇلغاندەكلا، بۇ ساندۇقسىمان كاتەكلەرگە تاشلانماقتا.

بۇ قەۋەتلىك قەبرىستانلىق ئىچىگە كىرىپ باققان كىشىلەر جەسەتلەر كۆمۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن سېسىقچىلىقتىن چىدىغۇسىز پۇراقلار تارقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئەي دۇنيا، ئەي ئىنسانىيەت، ئەي مۇسۇلمانلار!

بۇ زۇلۇمغا قاچانغىچە سۈكۈت قىلىسىلەر؟

نومۇسسىز خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە قاچانغىچە كۆز يۇمىسىلەر؟

ياكى ئەڭ يۇمشاق تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، سىلەر يەنە قاچانغىچە خىتاينىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ نالە-پەريادىغا قۇلاق سالماستىن، بىزلەرنىڭ چاقىرىقلىرىمىزنى كۆپتۈرۈلگەن، خىتايغا قارشى غەربنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك ئىشلار، دەپ قارايسىلەر؟

بىزگە ئىشەنمىسەڭلار ياكى بەك كۆپتۈرۈۋەتتى دېسەڭلار، ئەنە يول ئوچۇق!

شۇ سىندىكى ئاتالمىش «مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى»نى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كەلسەڭلارچۇ؟

بىر تەكشۈرۈپ كەلسەڭلارچۇ؟

دۇنياغا بىز ئەمەس، سىلەر ئەينەن كۆرگىنىڭلار بويىچە بىر نەرسە دېسەڭلارچۇ؟

سۆزۈم ھەرگىزمۇ باشقىلاردىنلا كۈتۈپ، ئۆزىگە قاراپ باقمايدىغان، داۋاملىق باشقىلارنىڭ بىر ئىش قىلىپ بېرىشىنى، تۇيۇقسىز مۆجىزە يۈز بېرىپ قېلىشىنى كۈتۈپ ھايات كەچۈرىدىغانلارغا باھانە بولۇپ بەرمىسۇن!

ھەر سۆز، ھەر چاقىرىق، ھەر نىدا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە بولۇشى كېرەك!

ئەي مىللىتىمنىڭ شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرى!

بىز يەنە قاچانغىچە بۇ خورلۇقنىڭ ھېسابىنى ئالمايمىز؟

يەنە قاچانغىچە بۇ خورلۇققا باش ئېگىمىز؟

خىتايدەك پەسكەش مەلئۇنلاردىن ھېساب ئېلىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەپ باقتۇقمۇ؟

قېنى سۆزلەپ باقساڭلارچۇ؟

ئىرفان ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2624 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2025 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق