خىتاي ئويدۇرما قەھرىمانى ۋەن توڭشۇنىڭ قوليازمىلىرىنى مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەن توڭشۇ ئىسىملىك خىتاينى «ئۇيغۇر مۇقامىنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى» دەپ كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، خىتايلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى، قۇتقۇزغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى خىتاينىڭ ئارخىپ-ماتېرىيال مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئارخىپ ئىدارىسى 9-ئىيۇن ئالتىنچى تۈركۈمدىكى «خىتاي ئارخىپ-ماتېرىيال مىراسلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، سانى 30 دىن ئاشىدىغان «12 مۇقام ۋەن توڭشۇ نوتا قوليازمىلىرى»مۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان» ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇزىكانت ۋەن توڭشۇنى «قۇتقۇزۇش خىزمىتى»گە مەسئۇل قىلغانلىقى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامى توپلىنىپ، رەتلىنىپ، ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ئوخشاش قېلىپلاشقان سەپسەتىلەر قەيت قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۆزىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ۋەن توڭشۇنى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى قىلىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇقاملارنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى، قوغدىغۇچىسى بولغان مەرھۇم تۇردى ئاخۇن بولسا قوشۇمچە شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان.

ۋەن توڭشۇ 2023-يىلى 99 يېشىدا ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ» سەنئەت ئىنستىتۇتىدا «ۋەن توڭشۇ مۇقام ئارخىپخانىسى مۇزېيى» ئاچقاندىن سىرت، يەنە 2025-يىلىدىكى نۇقتىلىق پىلانلانغان كىنولارنىڭ قاتارىدا ۋەن توڭشۇنى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى قىلىپ تەسۋىرلىگەن بىر كىنو ئىشلەپ چىققان.

بۇ خەۋەر 476 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2025 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق