فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى Shein غا قارشى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى مودا كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئالاقىدار شىركەتلەرنى جازالاش ۋە ئېلانلارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تور سودا شىركىتى Shein نى نىشانلىغان.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 3-ئايدا تۆۋەن پالاتادا ماقۇللىنىپ بولغان. كېيىنكى قەدەمدە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە كومىتېت 9-ئايدا يىغىن چاقىرىپ، قانۇن ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى بىرلەشمە ھۆججەت بېكىتىپ چىقىدىكەن. قانۇن لايىھەسى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى يەنە ياۋروپا پارلامېنتىغا ئۇقتۇرۇلۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.

نۆۋەتتە تور سودىسى سەۋەبلىك مودا مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئاسانلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ Shein شىركىتىگە ئوخشاش ئەرزان باھالىق تور سودا سۇپىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن، كەڭ كۆلەمدە فىرانسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىپ، بازارنىڭ تويۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاينىڭ Shein، Temu غا ئوخشاش تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق مال تەمىنلىشى ئارقىسىغا قانلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى چاقىرىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 598 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2025 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق