ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس 10-ئىيۇن پارلامېنتتىكى بىر يىغىندا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەۋاتقان تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھېگسېس بۇ سۆزنى سەيشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق مۇداپىئە خامچوتى توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ: «بىز ئىزچىل ھالدا ھىندى-تىنچ ئوكياننى ئالدىنقى جەڭ مەيدانى، خىتاينى بىزنىڭ ماس قەدەملىك تەھدىتىمىز، دەپ كەلدۇق. شۇڭلاشقا مەن ئىككى قېتىم ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا بېرىپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلارمۇ ئىنكاس قايتۇردى» دېگەن.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ھېگسېس پىرېزىدېنت تىرامپ ئوتتۇرىغا قويغان 2026-مالىيە يىلىدىكى 961 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق مۇداپىئە خامچوتىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ بۇنداق بىر خامچوت سەۋىيەسىنىڭ ئاساسلىقى پىرېزىدېنتنىڭ «ئەمەلىي كۈچ ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىش» يوليورۇقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئارمىيەدە جەڭگىۋارلىق روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئارمىيەنى قايتا قۇرۇش ۋە تەھدىت كۈچىنى قايتا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلىگەن.
ھېگسېس خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ماس قەدەملىك تەھدىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بېيجىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولۇش ئارزۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي بۇ جەرياندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشى، ھەتتا ھەربىي كۈچىنى غەربىي يېرىم شارغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېڭەيتىشى مۇمكىن» دېگەن ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھېگسېس 5-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە بۇ ئاينىڭ بېشى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن شانگرىلا دىيالوگ مۇنبىرىگە قاتناشقاندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي شەكىللەندۈرگەن تەھدىت ھەقىقەتەن مەۋجۇت، يەنە كېلىپ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا بولۇشى مۇمكىن» دېگەنىدى.