گوللاندىيەگە جايلاشقان خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى - «يەرشارى ھوقۇق ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تەشكىلاتى» (GRC) 11-ئىيۇن يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مىنېرال ماددىلارنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ دوكلاتنىڭ سىيرەك توپا مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنىشى تاراتقۇلارنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا Nescafe، Coca-Cola ، Carrefour، Walmart، Disney، Starbucks قاتارلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى، بولۇپمۇ تىتان، لىتىي، بېرىللىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنى سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«مەنبەدىكى خەتەر: مىنېرال ماددا تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت زورلىغان مەجبۇرىي ئەمگەك» ماۋزۇلۇق مەزكۇر دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تىتان، لىتىي، بېرىللىي، ماگنىي قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان جەمئىي 77 خىتاي كانچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتى خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» تۈرىگە قاتناشقان. يېقىنقى ئىككى يىلدا خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 68 شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىدىن مەھسۇلات سېتىۋالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك تىجارەت تەننەرخىگە تولۇقلىما بېرىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىش، يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، جازا لاگېرىغا قاماش قاتارلىق باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىشىگە ھەسسە قوشقان. دوكلاتتا خىتاي يولغا قويغان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى، ئەمما نۆۋەتتىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكى، نەتىجىدە تىتان قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ دۇنيا بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. «يەرشارى ھوقۇق ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تەشكىلاتى» ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە شىركەتلەرنى تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشى تەكشۈرۈشكە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
نۆۋەتتە ھەرقايسى شىركەتلەر بۇ دوكلات ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئەزەلدىن ھېچكىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەجبۇرلاپ باقمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى، بەزى تەشكىلاتلارنى ئىنسان ھەقلىرى باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر بايقالغان 153 مىنېرال ماددا خىتاي قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ %88 ىنى ئىگىلەيدىكەن. شەرقىي تۈركىستان نۆۋەتتە خىتاينىڭ تىتان ۋە بېرىللىي ئىشلەپچىقىرىدىغان ھالقىلىق بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر مەزكۇر مىنېرال ماددىلارنى «مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مىنېرال ماددا» قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۇ سەۋەبلىك، خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا كان چارلاش، ئېچىش، خىتاي شىركەتلىرىگە تۈركۈملەپ ھۆددىگە بېرىش ھەرىكىتىنى تېز سۈرئەتتە كۈچەيتمەكتە.