خىتاي ئۇزۇن يىل پىلانلاپ قۇرۇپ چىققان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن

خىتاي يىللاردىن بۇيان پىلانلاپ، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان قومۇل − چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇنى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تەبرىكلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 3-لىنىيەسى» دەپ ئاتالغان قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

خىتاي مەزكۇر قۇرۇلۇشنى 2023-يىلى 8-ئايدا باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدىكى 102 تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇشنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرى يۈبېي رايونىدا ئاياغلىشىدىغان بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2260 كىلومېتىر ئىكەن ۋە خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن ئۆتىدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش توك يەتكۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ھەر يىلى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى 36 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدىكەن.

10-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ماس قەدەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان توك بايلىقىنى خىتايغا يەتكۈزۈش سىستېمىسى رەسمىي قوزغىتىلغان. خەۋەردە مەزكۇر لىنىيەنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى قۇرۇشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس قەدەمدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش جىنايىتىنى كەڭ كۆلەمدە، تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 596 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2025 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق