ۋەتەندىن ئايرىلغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەنە بىر قېتىملىق قۇربان ھېيتنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كۈتۈۋالدى.
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 9-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا 2025-يىللىق ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، ھېيت كۈنلىرىنىڭ بۈگۈنكى مۇھىم ئەھمىيىتىدىن بىرى قېرىنداشلىق، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، مەيلى شەخسلەر بولسۇن، مەيلى تەشكىلاتلار بولسۇن، بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىسىنى، ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن ئۆسمۈرلەر ھېيت كۈنىگە ئاتاپ، شېئىر، قوشاق ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ئىشتىراكچىلارغا سۇندى. ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئۆسمۈرلەرگە ھېيتلىق پۇل تارقىتىپ بېرىلدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 8-ئىيۇن جەمئىيەت مەركىزىدە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە تەبرىك سۆزلىرىدىن كېيىن، پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن جەم بولغان بالىلار تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناشتى.
ئۇندىن باشقا، ئىستانبۇلنىڭ كونيا، قەيسەرى قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ھېيت كۈنلىرىنى تەبرىكلىدى.