خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازغا ئوخشاش تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلار تالان-تاراجنىڭ مىقدارىنى مەلۇم جەھەتتىن كۆرسىتىپ بەردى.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 12-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش جىنايىتى 70 نەچچە يىللىق ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان. ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا ئىكەنلىكى، بۇ خىتاينىڭ كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40.6 ىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ۋە خىتاي بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر تەشۋىقات ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1949-يىلى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋاقىتتا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 179 مىڭ 800 توننا بولۇپ، كېيىن ئارقىمۇ ئارقا كۆمۈر كانلىرى قۇرۇلغان ۋە 1957-يىلىغا كەلگەندە تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 120 مىڭ توننىغا يەتكەن، 1978-يىلى تۇنجى قېتىم 10 مىليون توننىدىن ئاشقان. خىتاينىڭ بۇلاڭ-تالاڭنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە، 2024-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 541 مىليون توننىغا يەتكەن. بۇلاردىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلىدىغان ھەم قۇرۇلۇۋاتقان كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سېلىنما كۆلىمى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر بايلىقىنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، «خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچ» دەپ سۈپەتلەنگەن ۋە شۇنداقلا كۆمۈر يەتكۈزۈلىدىغان خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى، تاشيول، تۆمۈريول، سۇ يولىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇلاپ توشۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك قاتناش لىنىيەلىرىنى غايەت زور مەبلەغ بىلەن كېڭەيتىپ قۇرۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرسىمۇ، ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرىدىغانلىقىنى، بايقالغان ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تەبىئىي بايلىق مىقدارىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئېلان قىلغاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.