ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ جازادىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەن ئىككى خىتاي بانكىسىغا جازا يۈرگۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە مالىيە ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر بانكىلار بىلەن ھەرقانداق تەرىقىدە سودا قىلىشىنى چەكلەش تەكلىپى سۇنۇلغان.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، جازا تەدبىرى ھازىرچە رەسمىي ئېلان قىلىنمىغاچقا، بۇ ئىككى بانكىنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلىيالمىغان.
ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىككى بانكىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر تىزىملىكتىكى شىركەت، ئورگانلار سودا بىر تەرەپ قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ھەتتا شىفىرلىق پۇل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، رۇسىيەنىڭ تۈرلۈك جازالاردىن ئەگىپ ئۆتۈشىگە ياردەم قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەستىق كۈتۈپ تۇرغان يېڭى بىر قېتىملىق جازاسى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا بېسىم چۈشۈرۈش، بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئوتتۇرىغا قويغان 30 كۈنلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتمىگەن يەككە تەرەپلىك جازالارغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ رۇسىيە بىلەن سودا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ۋە رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ سودا ئالاقىسىنىڭ خەلقئارالىق نىزاملارغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاي ئىزچىل تەرىقىدە رۇسىيەنى ئاسترىتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرى رۇسىيەگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. ئالدىنقى ئايدا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى خىتاينى رەسمىي يوسۇندا ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەسكەر، تېخنىكا، قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئاشكارىلىغانىدى.