ئۇيغۇر ماھىر خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى ۋە رېكورت بۇزدى

ئۇيغۇر دىسكا ئېتىش ماھىرى ئابدۇغېنى تۇرغۇن گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ۋە بۇ تۈردىكى رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا چېمپىيونى ئابدۇغېنى تۇرغۇن 11-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ يېڭى بىراندېنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ئېتىش مەخسۇس تۈرىدە، ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن 65.69 مېتىر ۋە 67.29 مېتىر ئېتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن يەنە بۇ يىل 4-ئايدا ئۆزى ياراتقان 65.35 مېتىرلىق ئەرلەر دىسكا ئېتىش رېكورتىنى ئىككى قېتىم بۇزۇپ تاشلىغان.

28 ياشلىق دىسكا ئېتىش ماھىرى ئابدۇغېنى تۇرغۇن بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق خىتاي يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ ئېتىش تۈرىگە قاتنىشىپ، دىسكا ئېتىشتا 65.35 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن، خىتايلارنىڭ 1996-يىلىدىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. نۆۋەتتە ئۇ ئۆز رېكورتىنى يەنە ئىككى مېتىر ئۇزارتقان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە تۈرلۈك ساھەلەردە چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەسۇرانە روھىنى، كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 482 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2025 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق