خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك كانلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىگە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۈركۈملەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە يەنە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ كان ئاچقۇچى شىركەتلىرىنى ئۈرۈمچىگە توپلىدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2025-يىللىق خىتاي كان تەكشۈرگۈچىلەر يىللىق يىغىنى 12-ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىمۇ ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكى يۇقىرى، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى، بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلىشى خىتاي شىركەتلىرىگە نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش-ئېچىش ئىشلىرىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، كانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، 162 ئېچىش تۈرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ تۈرلەر نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، نىكېل قاتارلىق ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلارغا چېتىشلىق ئىكەن.
خىتاي بۇ يىل 3-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كان ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسىنى تەشۋىق قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، لىتىي قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان مېتال كانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 170 تىن ئارتۇق كاننىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنغان. خىتاي ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 558 كاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىقلارنى توختاۋسىز تالان-تاراج قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە غايەت زور تەبىئىي بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا. بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كان ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى يوشۇرۇنغان بولۇپ، «يەرشارى ھوقۇق ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تەشكىلاتى» بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.