ئامېرىكا 120 دىن ئارتۇق خىتاينى چېگرادىن قوغلىدى

ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى بۇ ئايدا مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن، 122 قانۇنسىز كۆچمەننى خىتايغا قايتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى 9-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، 3-ئىيۇن 122 قانۇنسىز خىتاي كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، ئايروپىلاندا 19 ياشتىن 68 ياشقىچە بولغان 96 ئەر ۋە 26 ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

قايتۇرۇلغان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدە قاتىللىق، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە پەسكەشلىك قىلىش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، باسقۇنچىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن نۇرغۇن خىتاي بار ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغۇچى ياكى كېچىكتۈرگۈچى دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇپ، بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قايتۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان. ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ 2018-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغان.

بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېكىتىدە خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا «كەلگۈسىڭىزگە تەۋەككۈل قىلماڭ: ئامېرىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىدۇ» ماۋزۇلۇق بايانات ئېلان قىلغانىدى. باياناتتا: «ئامېرىكا خىتاي قاتارلىق باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، كۆچمەنلەر قانۇنىمىزنى ئىجرا قىلىپ، خەتەرلىك ئادەم ئەتكەسچىلىرى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى تورىغا زەربە بېرىدۇ. پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك دۆلىتىگە قايتۇرۇلدى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ھاياتىڭىزنى خەتەرگە ئىتتىرىش ئەرزىمەيدۇ» دېيىلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 248 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2025 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق