13-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە شى جىنپىڭنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» قاتارلىق ئىبارىلەر تەكرارلانغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنىڭ «شاھمات كۆزى» ئورنىنى جانلانشدۇرۇش كېرەكلىكى قايتا تەكىتلەنگەن.
يىغىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى»گە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى، لېكىن يەنە زور مىقداردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، جەنۇبىي رايوننىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى، ۋەزىپىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى دەۋا قىلغان.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش»نى باشتىن-ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش»تا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
يىغىندا يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن ئارىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىبارىلەر تەكرارلانغان.
بۇلاردىن سىرت، يىغىندا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي شىركەتلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈش، مەجبۇرىي ئەمگەك، تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىش، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىش، خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش» قاتارلىق سىياسەتلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي تۈرلۈك ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي نورمال ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك يىغىنلىرىدا ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» نامىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.