دۆلەت ئەربابى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى

14-ئىيۇن ئىستانبۇلدا مۇجاھىد قوماندان، ئالىم، دۆلەت ئەربابى، ئەدىب، تارىخشۇناس مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، سەفاكۆيگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالدىنقى ئەسىردە ئىشغال ئاستىدا قېلىش تارىخىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتلەرنىڭ كۆپ ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى، خۇسۇسەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان، مەرھۇمنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى بايان قىلىنغان قىسقا فىلىم قويۇلدى. پائالىيەتتە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان فەتھۇددىن بۇغرا «ھەزرىتىمنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە مەدرىسە ھاياتى» تېمىسىدا، مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى «ھەزرىتىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىدىن ئەسلىمىلەر» تېمىسىدا، ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىم «ھەزرىتىمنىڭ جىھادىي ھەرىكىتى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلىم ئېلىش جەريانى، ھىجرەت، سەپەرلىرى، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى كۈرەش تارىخىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

خۇسۇسەن مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى ئەپەندى لېكسىيە جەريانىدا مەرھۇمنىڭ ھازىرغىچە تارقىتىلىپ باقمىغان كۈندىلىك خاتىرىلىرىدىن بىر قىسىم تەسىرلىك كارتىنىلارنى كۆرسىتىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق كۈرەشلىرىنى، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى، چەككەن ئىزتىراپلىرىنى يورۇتۇپ بەردى.

ئاخىردا بىر قىسىم ئۇستازلار سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق مەرھۇمنى قايتىدىن تونۇپ چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى تەكىتلەشتى. پائالىيەت مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتالغان خەتمە قۇرئان دۇئاسى ۋە ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

بۇ خەۋەر 136 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2025 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق