خىتاينىڭ 2021-يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينى تەنقىد قىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ پەسىيىۋاتقانلىقىنىڭ يېڭى ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 15-ئىيۇندىكى مەخسۇس خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئىككى خەۋەر مەنبەسى خىتاي رېجىمىنىڭ 2021-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازاغا قايتا قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئۆزگىرىش ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ ۋە سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئەنگلىيەگە زىيارەتكە بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي رېجىمىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 2021-يىلى مارت ئېيىدا ئەنگلىيەنىڭ بەش پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شەخسكە ۋە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە ئېسسېكىس ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ جازانىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ياكى بىر قىسمىنىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھەمىشە ئەنگلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ھازىر ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئاكتىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۈن بولسا تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ مەسىلىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەنىڭ باشتا خىتاي ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرگە «يولسىز جازا يۈرگۈزگەنلىكى»نى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
خىتاي يەنە بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك، 2021-يىلى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەش پارلامېنت ئەزاسىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.