2-نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قازاقىستاندا باشلاندى

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىۋاتقان ۋە تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، 2-نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قازاقىستاندا ئېچىلدى. خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتىنى كۈچەپ بازارغا سالدى.

قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 17-ئىيۇن قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە باشلانغان بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدىنقى كۈنى قازاقىستانغا يېتىپ بارغان.

قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىنغا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ھەرقايسى ساھەلەردىكى مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان. بۈگۈنكى يىغىندا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى 35 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.

قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى سېرىك جۇمانغارىن باشلىقلار ئۇچرىشىشنىڭ سودا ئىشلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇلتۇر خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ 95 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا مىقدارىنىڭ 44 مىليارد دوللارنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

16-ئىيۇن قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزېيىدا يەنە «خىتاي ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ قازاقىستاندا مېھمانخانا، ساياھەت شىركەتلىرى ۋە تۈرلۈك ئەسلىھەلەر جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتكە ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇ كۈنى دۆلەتلىك مۇزېيدا خىتاي مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بۇرمىلاپ تەسۋىرلەنگەن كىنو «شاڭخەيدىكى ئايگۈل» 16-ئىيۇن قازاقىستاننىڭ «KTK» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا قويۇلغان ۋە 17-ئىيۇن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قانىلى «قەدەم TV»دا قويۇلىدىغانلىقى، بۇ ئاي ئىچىدە ھەر ئىككى قانالدا يەنە قايتا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي بۇ كىنودا «شاڭخەيدە ياشاۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن ئىبارەت توقۇلما ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 2023-يىلى ماي ئېيىدا خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالانغانىدى ۋە يىغىندىن كېيىن 15 ماددىلىق «شىئەن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ مۇھىم يىغىننى قەدىمىي شەھىرى شىئەنگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىكى ئالاھىدە سەھنە لايىھەسى ۋە ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۇسۇلى دىققەت قوزغىغانىدى.

بۇ خەۋەر 127 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2025 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق