ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى: مەسىلە ھەقىقەتەن خىتايدا

كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋان دېرلېين خىتاينىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىق قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئاپتوموبىل، باتارېيە قاتارلىقلار ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ نۇقتىدا ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغا ئۆزئارا باج قويۇش ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇرسۇلا ۋان دېرلېين خىتاينىڭ ناتوغرا سودا قىلمىشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ياسىمىچىلىق ساھەسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئاجىزلاشتۇرۇش، زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى، بۇنىڭ بازار رىقابىتى ئەمەس، بەلكى قەستەن سۇيىئىستېمال قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ سىيرەك توپا بازىرىدا ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىگە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي بۇ مونوپوللۇقنى سۆھبەت كوزىرى قىلىپلا قالماي، يەنە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ھالقىلىق ساھەلەردىكى رىقابەتچىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تولۇقلىما ئارقىلىق ئەرزان ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپاغا تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشىدىن ئاگاھ بولۇشقا، خىتاينىڭ خام ماتېرىيال ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان. 

بۇ خەۋەر 103 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2025 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق