ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قېتىملىق سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغاچقا، خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى خىتاي بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سودا-ئىقتىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 17-ئىيۇن ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان، شۇڭا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارالغان.

خەۋەردە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ: «پەقەت باشلىقلار يىغىنىدا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاندىن بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلىدۇ» دېگەن.

ئالدىنقى مەزگىللەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىملىق سودا سۈركىلىشى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇلتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ غايەت زور تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالغانىدى. خىتايمۇ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم باج تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ ئاپرېلدا يولغا قويغان تاموژنا بېجىغا قارشى سىيرەك توپا ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشى ياۋروپا شىركەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن.

نۆۋەتتە خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۈن بولسا تۈنۈگۈنكى قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد ۋە سودا مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار ئۇچرىشىشى 24-ئىيۇلدىن 25-ئىيۇلغىچە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 133 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2025 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق