ئالدىنقى بەش ئايدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلىنغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئالدىنقى بەش ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلىنغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقانلىقى، بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.4 نى ئىگىلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلىنغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %49.5 نى ئىگىلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم نىسبەتنى تەشكىل قىلغان. خەۋەردە ئالدىنقى بەش ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك مىقدارىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە توسالغۇسىز ئاقماقتا. خۇسۇسەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككىنچى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلمەكتە.