خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر چوڭ تىپتىكى ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى»نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باھانىسى بىلەن، «چېگرانى بويلاپ ئون مىڭ چاقىرىملىق سەپەر قىلىش» نامىدا يەنە بىر زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-ئىيۇندىكى ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت جىنايىتىنى پەردازلاش ئاساسلىق نىشان قىلىنغان بولۇپ، «70 يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە خەلقنىڭ ئىناق، باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى»دەك نومۇسسىز سەپسەتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ 5700 كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقى ۋە سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقى، بۇ قېتىملىق تەشۋىقات ھەرىكىتىدە ئونمىڭ چاقىرىملىق چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ زىيارەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىدە 50 دىن ئارتۇق خىتاي مۇخبىرى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن يولغا چىقىپ، ئىككى لىنىيەگە بۆلۈنۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگراسىنى بويلاپ بىر ئايلىق زىيارەت  ھەرىكىتىنى باشلايدىكەن. بۇ جەرياندا چېگرا بويىدىكى ناھىيە-شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان قاراۋۇلخانا، چېگرا ئېغىزى قاتارلىق جايلار نۇقتىلىق سۈرەتكە ئېلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان بىر كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى»نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامىدا تۈرلۈك يىغىن، پائالىيەت، مۇسابىقىلەرنى كۆپلەپ تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، ئاخبارات، مەتبۇئات، مېدىيا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى ۋە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىم چېگرا رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن بىر ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 74 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2025 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق