خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاش بولغان يېڭى ھىيلىسى: باشقا دۆلەتتە سۈنئىي ئەقىل مەشىقلەندۈرۈش

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىلغار ئۆزەك ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مالايشىيادىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىدە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى تەتقىق قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. نۆۋەتتە مالايشىيا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلىغان.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، بىر قىسىم خىتاي ئىنژېنېرلار بۇ يىل 3-ئايدا سانلىق مەلۇماتلىرى قاچىلانغان قاتتىق دىسكىلارنى مالايشىياغا ئاپىرىپ،  Nvidia نىڭ ئىلغار ئۆزەكلىرى سەپلەنگەن سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە سۈنئىي ئەقىل مودېلى ياساشقا باشلىغان. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، مەشىقلەندۈرگەن سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىغان.

مالايشىيا مەبلەغ سېلىش، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى 19-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تىلغا ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتەن قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىرلىق بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىغا ماسلىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، Nvidia  ئۆزىكى ۋە سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمىتېرى ئىشلىتىشنىڭ مالايشىيا قانۇنى بويىچە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئېكسپورت كونتروللۇقىدىكى سەزگۈر مەھسۇلاتلارنىڭ سودىسى مەسىلىسىدە ھەرقانداق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە Nvidia نىڭ H100 ۋە A100 يۈرۈشلۈك ئۆزەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلغار ئۆزەكلەرنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدا يەنە كەسكىن قارار چىقىرىپ، Nvidia شىركىتىنىڭ خىتايغا سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەنىدى.

نۆۋەتتە مالايشىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇھىم سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان تېخنىكا شىركەتلىرىنى جەلپ قىلغان. خىتاي شىركەتلىرى بولسا تۈرلۈك يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 53 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2025 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق