ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسىTikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋېتىشى ياكى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن 19-ئىيۇندىكى ئاخىرقى مۇددەتنى يەنە 90 كۈن ئۇزارتتى.
خىتاينىڭ TikTok سۇپىسى ئەسلىدە بۇ يىل يانۋار ئېيىدىلا ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي تاقىلىپ قېلىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، تىرامپ ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ TikTok نى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇنىنى ئىككى قېتىم ئىجرا قىلىشتىن توختىتىپ قويغانىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي باياناتچىسى 17-ئىيۇندىكى باياناتىدا پىرېزىدېنت دونالد تىرامپنىڭ بۇ ھەپتە TikTok نى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغان يەنە بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويىدىغانلىقىنى، تىرامپنىڭ TikTok نىڭ قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا يەنە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە سېتىش ئىشىنىڭ تاماملىنىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆز سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن خاتىرجەم ھالدا TikTok نى داۋاملىق ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئالاقىدار قانۇن بويىچە خىتاينىڭ ByteDanceشىركىتىگە تەۋە TikTokسۇپىسى ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى خالىغان بىر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىپ بەرمىسە، بۇ يىل 19-يانۋار ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما پىرېزىدېنت تىرامپ 20-يانۋار ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى باشلىغاندا، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىقنى تاللىغان ۋە باشتا ۋاقىت چېكىنى ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىغا ئۇزارتقان. كېيىن يەنە 19-ئىيۇنغا ئۇزارتقان.
خىتايغا تەۋە بولغان TikTok سۇپىسىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى ئىزچىل دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتتە TikTok ئەپ دېتالى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چەكلەنگەن. ئۇندىن باشقا TikTok سۇپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى، ھېسابلارنى ئۆچۈرۈشىمۇ تەنقىد نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.
تېخى ئالدىنقى ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانلىق مەلۇمات قوغداش كومىتېتى TikTok نىڭ ياۋروپادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇ قىلمىشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى»غا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، TikTok قا 530 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويغانىدى.