خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى تۈرلۈك لىنىيەلەر ئارقىلىق ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە توشۇلۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ئۈرۈمچى-نەۋايى يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرىنى توشۇيدىغان ئۈرۈمچى-نەۋايى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 15-ئىيۇن رەسمىي ئېچىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى تىجارەت قىلىدىكەن. B767-300F تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان 50 توننىدىن ئارتۇق ئېكسپورت مال توشۇيدىكەن ۋە كېيىنكى مەزگىلدە ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۇچىدىكەن. مەزكۇر لىنىيە ئۈرۈمچى-تاشكەنت لىنىيەسىدىن كېيىن ئېچىلغان، ئۆزبېكىستانغا قاتنايدىغان 2-خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرى ئومۇمىي مىقدارى ۋە خەلقئارا يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارىنىڭ 110 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.70 ئاشقانلىقى، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ 2096 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %687.97 ئاشقانلىقى، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ 38 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %795.35 ئاشقانلىقى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە توشۇماقتا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە لىنىيەلىرىنى كېڭەيتمەكتە.