قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا «ئاستانە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتابنامىدىكى «تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» قاتارلىق بايانلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
2-نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 16-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئومۇمىي قىممىتى 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان 35 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
يىغىن ئاخىرىدا يەنە «ئاستانە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتابنامىدە تۈرلۈك ھەمكارلىقلار تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدىكى «شىئەن خىتابنامىسى»گە ئوخشاش، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۆزئارا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئاتالمىش «تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» جەھەتتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئىبارىلەر تەكرارلانغان.
ئەمما پەرقلىنىدىغان يېرى، «ئاستانە خىتابنامىسى»دە تەيۋەن بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا ئەمەل قىلىدىغانلىقى، تەيۋەننىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقى ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-ئىيۇن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ رېئاللىققا زىت بايانلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالغانلىقىنى ۋە خىتايغا ماسلىشىپ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بايانلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
باياناتتا يەنە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىق تەيۋەن خەلقىگە تەۋە ئىكەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغانلىقى، تەيۋەننىڭ قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ پاكىتقا پىسەنت قىلمىغان، تاجاۋۇزچىلىق مۇددىئاسى بولغان، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بايانلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.