خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئاققۇنلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش تاكتىكىلىرىنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتمەكتە.
ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە 200 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، كادىر ۋە ياشانغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بېيجىڭدىن شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ ۋە ئەقىل بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
ئۇلار خىتاي رېجىمى تەشكىللىگەن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش تۈمەن كىشىلىك سەپىرى» نامىدىكى پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان مەزكۇر خىتايلارنىڭ نېفىت-خىمىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىشى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىزچىل تەكىتلىشى بىلەن ماس قەدەمدە بولغان.
بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر پائالىيەت 22-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، پائالىيەتكە تاللانغان خىتايلار ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردىكى شىركەتلەرنى، ساياھەت نۇقتىلىرىنى، مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى زور تۈركۈمدە كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىش، خىتايلاشتۇرۇش جىنايىتى تۈرلۈك ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللار بىلەن كۈنسېرى كۈچەيتىلمەكتە.