خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان ۋە چەت ئەل مەبلىغىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايغان.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 20-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ، يەنى شەھەر-بازارلىرىدىكى 24-16 ياش ئارىلىقىدىكى خىتايلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %14.9 بولغان. 2024-يىلى ماي ئېيىدا بۇ نىسبەت %14.2 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىدە ئېشىش كۆرۈلگەن.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «بۇ يىل يازدا 12 مىليون 200 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرىدۇ. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن» دېگەن.
تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەھلىللىرىدە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكى، گەرچە خىتايدا خىتاي رېجىمىغا قارشى كۈچلەر مەۋجۇت بولمىسىمۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنلىسە، نامايىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش خەۋپى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ئالدىنقى ئايلاردا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئىشسىز ياشلارنى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارنى قوبۇل قىلغان شىركەت-كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىنى يەنىلا توسۇپ قالالمىغان. ئالدىنقى ئايلاردىكى ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا ئۇرۇشى بۇ جەھەتتە زور تەسىرىنى كۆرسەتكەن.
يۇقىرىقىلاردىن سىرت، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 20-ئىيۇندىكى باياناتىدا بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە خىتايغا بىۋاسىتە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 358 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.