خىتاي يېقىندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» باش تېما قىلىنغان ئۇنىۋېرسىتېت تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە مەزكۇر ئوقۇشلۇق توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن ئېچىلغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-ئىيۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشكەن ئۇنىۋېرسىتېت تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا خىتايدىكى 33 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشقان.
بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىكنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» بىلەن بېيجىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تارقاتقان بولۇپ، خىتايدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلار تۈزۈشكە قاتناشقان.
خەۋەردە مەزكۇر دەرسلىكنىڭ ئەنئەنىۋى دەرسلىك تۈزۈش مەنتىقىسىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى، تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشنى يادرولۇق رامكا قىلغانلىقى، كىتابتىكى 16 دەرس ئارقىلىق ئاتالمىش «تېررىتورىيە ئېچىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش» قاتارلىق 16 تېمىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى يېتىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ دەرسلىك بۇ يىل كۈزدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا باشلامچىلىق بىلەن ئۆتۈلۈشكە باشلايدىكەن ۋە خىتايدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.
سىنلىق خەۋەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دەرسلىككە ئىشغالىيەتچى، جاللات زو زۇڭتاڭ ھەققىدىكى دەرس كىرگۈزۈلگەندىن سىرت، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ئورتاقلىقى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم كېچەكلەردىكى مەدەنىيەت ئۇچرىشىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە قاتارلىق جىنايەتلىرىنى بۇرمىلاش، پەردازلاش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.