خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرى دوست شەھەر مۇناسىۋىتى ئورناتقان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى بىلەن سەمەرقەنتنىڭ 2023-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا دوست شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پىكرى ئىمزالىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى، بۇ قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن ئىككى تەرەپ رەسمىي تەرىقىدە ئىمزا قويۇپ، دوست شەھەر مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1985-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىلەن دوست شەھەر مۇناسىۋىتى ئورناتقان چەت ئەل شەھەرلىرى 54 ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 12 دۆلەتتىكى 14 شەھەر بىلەن دوست شەھەر مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بىر، كانادانىڭ بىر، تۈركىيەنىڭ بىر، ياپونىيەنىڭ ئىككى، ئاۋسترالىيەنىڭ بىر شەھىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوخشىمىغان شەھەرلەر بىلەن دوست شەھەر مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، قالغانلىرى بولسا رۇسىيە، ئىران، پاكىستان، بېلارۇسىيە، گىرۇزىيە، موڭغۇلىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى شەھەرلەر ئىكەن.
خىتاي بۇ خىل دىپلوماتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ۋە بىر تەرەپتىن زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش، يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ھالبۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ھەقىقىي غەرىزىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلماسلىقنى تاللىغان ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان دوست شەھەر مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.