چاقماق خەەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ مونوپوللۇقىغا قارشى يېڭى پىلان تۈزدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سانائەت ئىستراتېگىيەسى ئالىي ئەمەلدارى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئورتاق سىيرەك توپا زاپىسى قۇرۇپ چىقىشقا، بۇ ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاقتى-سوقتى قىلىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت ئىستراتېگىيەسى ئالىي ئەمەلدارى سىتېفان سېجورنى بۇ يىلدىن تارتىپ خېرىدار چاقىرىپ، يېڭى خام ئەشيا مەنبەلىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت ۋە تەبىئىي نېفىت زاپىسى بارلىقىنى، سىيرەك توپىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك خام ئەشيا جەھەتتىمۇ مۇشۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدا 13 خىل يېڭى خام ماتېرىيال تۈرىنى قوزغىتىپ، سىيرەك توپا مېتاللىرى ۋە كان مەھسۇلاتلىرى تەمىنلىشىنى كېڭەيتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان.

خىتاي بۇ يىل 4-ئايدا سىيرەك توپا ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويغان ۋە سىيرەك توپا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن ئىجازەتنامە ئېلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. بۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرى، ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىدە خىتاي رېجىمى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىشىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋان دېرلېين خىتاينىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىق قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ سىيرەك توپا بازىرىدا ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىگە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي بۇ مونوپوللۇقنى سۆھبەت كوزىرى قىلىپلا قالماي، يەنە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ھالقىلىق ساھەلەردىكى رىقابەتچىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ خام ماتېرىيال ساھەسىدىكى مونوپوللىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغانىدى.

بۇ خەۋەر 23355 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2025 13:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق