شەرقىي تۈركىستاندا پېيى بازارغا سېلىنغان خىتاي شىركەتلىرى كۆپەيمەكتە

خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، شەرقىي تۈركىستاندا پېيى بازارغا سېلىنغان خىتاي شىركەتلىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت جەمئىي 61 بولۇپ، بازار قىممىتى جەمئىي 751 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پېيى بازارغا سېلىنغان بىر شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن، ئۈچ شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 50 مىليارد يۈەندىن، 13 شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئورگانلىرى ھەر يىلى پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان 100 كارخانىنى تاللاپ يېتىلدۈرۈش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، پېيىنى بازارغا سالىدىغان شىركەت-كارخانىلارنى داۋاملىق كۆپەيتكەن ۋە زورايتقان. پەقەت 2024-يىلىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 709 مىليارد 782 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %34.57 ىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 90-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن جەمئىي 14 ى بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ سان 61 گە يەتكەن ۋە قاپلىغان ساھەلەر تېخىمۇ كېڭەيگەن.

خىتاي بۇ سان-سىپىرلارنى ئالاھىدە ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارقىسىغا قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك، غايەت زور تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىپ خىتايغا توشۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاش قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلەر يوشۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»دا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئۇندىن باشقا، بىر قىسىم ئەقىل ئامبارلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەرنىڭ 2900 غا يېتىدىغانلىقى، دىۋىزىيەلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چېتىلىدىغان شىركەت-كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ بولسا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 862 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ئاشكارىلانغانىدى.

بۇ خەۋەر 155 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2025 13:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق