ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لامى بۇ توغرۇلۇق پارلامېنتقا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا 600 مىليون فوندستېرلىڭ خىراجەت ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

داۋىد لامى پارلامېنت ئەزالىرىغا: «بىز خىتاينىڭ مۇرەككەپ ۋە ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما  خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولماسلىق بىردىنبىر تاللاش ئەمەس» دېگەن. ئۇ يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ھەرگىز سۈلھى قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش بۇ قىلمىشلارنى ئىنكار قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىۋاتقانلىقى، ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى، ئىختىلاپلارنى كېڭىشىپ ھەل قىلىش ئاساسىدا ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى، ئەمما ھەرقانداق قارا سۈركەش ۋە يولسىز ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 207 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2025 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق