خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۆزگەرتىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە 90 غا يېقىن شەھەر-بازاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى يېقىندا «كونا ئولتۇراق رايونلارنى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى 89 شەھەر-بازاردا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەركەز خامچوتىدىن 2 مىليارد 718 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.
مەزكۇر مەبلەغ شەھەر-بازارلاردىكى 1364 ئولتۇراق رايوننى ۋە 13 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، 350 مىڭغا يېقىن ئائىلىگە چېتىلىدىكەن. خەۋەردە ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى يوقىتىش، ئۆزگەرتىش جىنايىتىگە ئالاھىدە كۈچ ۋە خىراجەت سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەھەللە مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش، قويۇق ئۇيغۇر-ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇش، ئىمارەتلەرنى، بازارلارنى كۆزدىن يوقىتىش مەقسىتىگە يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئولتۇراق رايونلىرىدا نازارەت ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.