خىتاي خەلقئارالىق جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر پەيتتە رۇسىيە ۋە ئىران مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالدى

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 12 كۈنلۈك توقۇنۇشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى چىڭداۋغا يىغىلدى.

بۇ يىغىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ لاھەيدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا ناتو ئەزالىرى دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلغانىدى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دۇڭ جۈن پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى جايلاشقان چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننىڭ «قالايمىقانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق قاپلىغان دۇنياغا قارشى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بىر كۈچ» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چارشەنبە كۈنى رۇسىيە، ئىران، پاكىستان، بېلارۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالغان دۇڭ جۈن سۆز قىلىپ: «زومىگەرلىك، ھۆكۈمرانلىق ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە» دەپ جار سالغان.

گەرچە خىتاي ئۆزىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قاراتقان زىچ ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللىشىنىڭ ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ خەۋەر 188 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2025 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق