خىتاي ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارا جاسۇس قوبۇل قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارا ھالدا جاسۇس قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق قائىدىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئىچىدىكى «قايمۇقتۇرۇلغان بارلىق جاسۇسلار»نى پاش قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى خىتايغا قارشى قايتا-قايتا ئىستىخبارات ئۇچۇرى ئوغرىلاش، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.

باياناتتا يەنە: «يېقىندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە جاسۇسلۇق قوبۇل قىلىش سىنلىرىنى تارقىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئاشكارا ھالدا جاسۇسلۇققا مايىل قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇ پۇختا ئىشلەنگەن ئېلانلار ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان لوگىكىسىنى ۋە ۋەھىمىچىلىك خىياللىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئالدىنقى ئايدا خىتايچە ئىشلەنگەن ئىككى سىن تارقىتىپ، خىتايدىكى ئەمەلدارلارنى ئامېرىكىغا مەخپىي ئۇچۇر يوللاشقا تەشۋىق قىلغانىدى. مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ سىنلار ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئۆزلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقە ئورنىتىش ئۇسۇلى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 220 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2025 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق