25-ئىيۇن تۈركىيەنىڭ قىرىققەلئە شەھىرىدە ئالتە سىياسىي پارتىيە ۋە 90 ئاممىۋى تەشكىلات سىياسىي كۆزقاراش پەرقلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق ئىنسانىي قىممەت ئاساسىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، «غەززە ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى ژۇرنالىست مىركامىلجان قەشقەرىي قاتناشقان بولۇپ، «ئورتاق ۋىجدان سېپى قۇرۇش: غەززە ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە سۇندى.
ئۇ سۆزىدە بىر-بىرىدىن مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغان ئىككى خەلقنىڭ كۈرىشىنى ئورتاق بىر سەپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە تۈركىيەنىڭ پەلەستىندىكى كونسۇلخانىسىدا 13 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن تەتقىقاتچى مۇستافا ئەردوغان غەززە ۋە پەلەستىننىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە ھەمدە پۈتكۈل تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە شاھىت بولغان يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتىنى تەقدىم قىلغان.
يىغىننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نۇقتىسى بولسا، قاتناشقۇچىلارنىڭ 16 ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ ئورتاق پىكىر يۈرگۈزۈشى بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپا پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ساھەلىرىدە قايسى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە يول خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلىي دوكلاتلارنى تەييارلاپ چىققان.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئانادولۇ رادىيوسىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئىشلەر بولۇپ، ئۇ يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتقىدا 16 دوكلاتنىڭ خۇلاسىسىدىن تەشكىل تاپىدىغان ھەرىكەت پىلانىنىڭ پات يېقىندا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.