خىتاي ئۈرۈمچىدە 2025-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 2025-يىللىق (خىتاي) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدى.

26-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يەرمەنكە ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي نەچچە ئايدىن بۇيان ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان ۋە تەشۋىق قىلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 50 دۆلەتتىن كەلگەن 1800 دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە، 1000 دىن ئارتۇق كارخانا ئالاقىدار يىغىنغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەلدىن 8000 دىن ئارتۇق سېتىۋېلىش سودىگىرى يىغىلغان. يەرمەنكە جەريانىدا 60 نەچچە سودا تەشۋىقاتى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان. يەرمەنكە يەنە ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، سودا پۇرسىتى ياراتقانلىقى، بۇ قېتىملىق سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي يەرمەنكە باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يەنە ئاتالمىش «ئاسىيا-ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇش، خىتايغا مەبلەغ سېلىش، شىنجاڭغا كىرىش» تېمىسىدا 2025-يىللىق سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مۇقىم قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرى تەكرارلانغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى توختاتماي ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى نۇقتىلىق ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتتە داۋاملىق تەنقىدلەنمەكتە ۋە بۇ توغرۇلۇق كۆپلىگەن دوكلاتلار ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنماقتا. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»دىن باشقا بۇ جىنايەتنى توسىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت يوق بولۇپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي ئاسىيا-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىگە ئوخشاش ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىقتىساد، سودا ساھەسىدە مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلىماقتا. كۆپلىگەن دۆلەتلەر، خەلقئارالىق شىركەتلەر بۇ جىنايەتكە شېرىك بولماقتا.

بۇ خەۋەر 162 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2025 12:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق