DeepSeek نىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى DeepSeek نىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ 24-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋازىغا DeepSeek نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي رېجىمىنىڭ ھەربىي ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت سۈنئىي ئەقىل مودېلىغا زىيارەت ھوقۇقى بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن، ئەمما مەزكۇر خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈش ياكى چەكلىمە قويۇش ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

مەزكۇر ئەمەلدار دەلىل-ئىسپاتلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ كۆپلىگەن مەشغۇلاتلىرىغا DeepSeek سەپلىگەنلىكىنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ماختاپ خەۋەر قىلغانلىقى؛ خىتاي ئارمىيەسى ۋە مۇداپىئە ئورگانلىرىنىڭ سېتىۋېلىش تىزىملىكىدە DeepSeek نىڭ 150 قېتىمدىن ئارتۇق ئورۇن ئالغانلىقى، DeepSeek نىڭ سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتىدا خىتاي ئارمىيەسى ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىغا چېتىشلىق بولغان تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى؛ DeepSeek شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خىتاي تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ قارمىقىدا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ زور مىقداردىكى تولۇقلىما ياردىمى ئارقىلىق ئەرزان باھا بىلەن خەلقئارالىق بازار ئىگىلەۋاتقان باشقا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاشلا، DeepSeek مۇ بازارغا سېلىنغاندا ھەقسىز تارقىتىلىپ، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، DeepSeek سۇپىسىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى ئىزچىل دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 124 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2025 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق