خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن تالان-تاراج قىلغان تەبىئىي بايلىقلارنى خىتايغا توشۇش لىنىيەسىنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-لىنىيەسى» دەپ نام بېرىلگەن تۇرپان – جۇڭۋېي لىنىيەسى تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-ئىيۇندىكى ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە تۇرپان – جۇڭۋېي لىنىيەسىنىڭ گەنسۇ - نىڭشيا بۆلىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تۇرپان – جۇڭۋېي لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، 4-لىنىيە سۈپىتىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تەبىئىي گازلارنى خىتايغا توشۇشقا باشلىغان.
مەزكۇر لىنىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرىدىن نىڭشيانىڭ جۇڭۋېي شەھىرىگىچە تۇتىشىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان، گەنسۇ، نىڭشيادىكى 17 ناھىيە (شەھەر)دىن ئۆتىدىغان مەزكۇر لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1745 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 15 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 27 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغانغا، تەخمىنەن 50 مىليون توننا كاربوننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتقانغا باراۋەر كېلىدىكەن.
مەزكۇر لىنىيە خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈر بولۇپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازلىرىمۇ مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىكەن.
خىتاينىڭ تالان-تاراج لىنىيەسىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە، بۇ ئايدا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 3-لىنىيەسى» دەپ ئاتالغان قومۇل − چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. خىتاي يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش، ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق چارلاش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ھەرخىل كانلارنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئارقىلىق، تالان-تاراجنى زورايتماقتا ۋە بۇ جەرياندا «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» ئىبارىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.
خىتاي بۇنى تەرەققىيات ئۇتۇقلىرى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، غايەت زور تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامراتلىق ئىچىدە ياشاپلا قالماي، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.